تۈركىيە نېگېرىيەدىكى جامەگە قىلىنغان قانلىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 42 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 68 ئادەم يارىلاندى.

962336
تۈركىيە نېگېرىيەدىكى جامەگە قىلىنغان قانلىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ساقچى باياناتچىسى ئوسمان ئەبۇكىر، ئاداماۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق يان گۋاجو رايونىدىكى بىر جامەدە پېشىن نامىزى ئەسناسىدا 2 ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ئارقىلىق 42 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 68 ئادەمنى يارىلانغاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغان بولۇشىدىن گۇمان قىلىنماقتا ئىكەن.

نىگېرىيەدە 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى، لىدىرى مۇھەممەد يۇسۇپنىڭ نازارەت ئاستىدىكى مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن 2009 – يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشقا باشلىدى.

نىگېرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلار يۈزىسىدىن يۈز مىڭلارچە كىشى كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «نىگېرىيەنىڭ مۇبى شەھىرىدىكى بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە (يەنە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ) يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. مۇبىدا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز، نىگېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە نىگېرىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر