رىياد ماراكەشنىڭ ئىرانغا ئالاقىدار قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن ماراكەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

962571
رىياد ماراكەشنىڭ ئىرانغا ئالاقىدار قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدار، دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغان ماراكەشكە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر ئەمەلدار، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق جەھەتلەردە ماراكەشنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيرمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ماراكەشنىڭ، ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى بىلەن پولىسارىئو فىرونتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ، ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشى، مەزھەپچىلىك قىلىش ۋە تېررورنى قوللاش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى داۋالغۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى بىلەن پولىسارىئو فىرونتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دۆلەتنى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈنۈگۈن ئىران بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى. ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرىتا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ماراكەشنىڭ، لىۋان مەركەزلىك ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى بىلەن پولىسارىئو فىرونتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تۈپەيلى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە ئىران باش ئەلچىسىنىڭمۇ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئۇ، بۇ قەدەمنىڭ ئىراننى ھىمايىسىدىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ پولىسارىئو فىرونتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى تاشلانغانلىقىنى، قوللىرىدا، ھىزبۇللاھ رەھبىرىنىڭ پولىسارىئونى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرغانلىقى توغرىسىدا پاكىت بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

ناسىر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، قوللىرىدا ھىزبۇللاھنىڭ پولىسارىئوغا ھەربىي جەھەتتە ياردەم قىلغانلىقى ۋە ئالجىرىيەدىكى ئىران ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دىپلوماتلارنىڭ، ھىزبۇللاھ رەھبەرلىرىنىڭ پولىسارىئو رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بارلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر