ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

962170
ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ داۋملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ماكېدونىيەلىك مەنسەبدېشى رادمىللا شېكېرىنسكا بىلەن كۆرۈشكەن ماتتىس مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلارنىڭ ناتو ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈپ چىقىش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە بار يوقلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا قارىتا، ماتتىس ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ  ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ماتتىس: ناتو ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.

ماتتىس  پايتەخت كابۇلدا دۈشەنبە كۈنى مەيدانغا كېلىپ 25 ئادەم ئۆلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، بۇ يىلنىڭ قىيىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر