خىتاي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە سەۋەب بولماقتا

ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يىرىكچىلىكلەر تۈپەيلىدىن دۆلەت مۇداپىئە خىراجەتلىرىنى يېقىنقى 10 يىلدا %59 يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

962797
خىتاي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە سەۋەب بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ئومۇمىي دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرى 2 تىرىليون داللارغا يەتتى.

ستوكھولىم تىنچلىق تەتقىقات ئىنسىتېتۇتى «SIPRI» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا بىلدۈرىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرى %1.1 يۇقىرى ئۆرلەپ، 1 تىرىليون 739 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

دۇنيا بويىچە ھەربىي خىراجەتكە ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، ئالدىنقى يىلى دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈنلا 610 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقى ۋە بۇ مەبلەغنىڭ دۇنيا ئومۇمىي مۇداپىئە خامجوتىنىڭ ئۆچتەن بىرىگە تەڭ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

دوكلاتتا بىلدۈرىلىشىچە، ئامېرىكىدىن قالسىلا خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئەڭ كۆپ پۇل ئاجراتقان 2دۆلەت بولغان. ئامرىكىنىڭ ئايرىغان مەبلىغى خىتاينىڭ مەبلىغىگە سېلىشتۇرغاندا، 2.2 ھەسسە ئارتۇق.

خىتاي 20 يىلدىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى تەخمىنەن %2.6 ئۆرلەپ، 228 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

بىراق مەتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، يەنى خىتاينىڭ توغرا ساننى مەخپىي تۇتىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان يىرىكچىلىكلەر تۈپەيلىدىن دۆلەت مۇداپىئە خىراجەتلىرىنى 10 يىلدا %59 يۇقىرى كۆتۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ قورال، ئوق - دورا ۋە باشقا ھەربىي خىراجەتلىرىدە 1998يىلىدىن بۇيان تۈنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي خىراجەتلىرى مۇشۇ بىر يىلدا %20 تۆۋەنلەپ، 66 مىليارد 300 مىليونغا چۈشكەن.

ستوكھولىم تىنچلىق تەتقىقات ئىنسىتېتۇتى «SIPRI» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، رۇسىيەنىڭ ھەربىي خىراجەتنى تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ 44 مىليارد 300 مىڭ دوللارغا چىقىپ، 1999يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكى ۋە گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجراتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا 9ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

دوكلاتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە 15 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، بۇ يىل دۆلەت مۇداپىئەسىگە 18 مىليارد 200 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپانىڭ ئومۇمىي ھەربىي خىراجەتلىرى ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %2.2 تۆۋەنلىگەن. ياۋروپانىڭ ھەربىي خىراجىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومۇمىي مۇداپىئە خىراجەتلىرىنىڭ %20 نى تەشكىل قىلىدىكەن. ياۋروپادا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئايرىيدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا فىرانسىيە 57 مىليارد 800 مىليون دوللار بىلەن 6ئورۇندا، ئەنگلىيە 47 مىليون 200 مىليون دوللار بىلەن 7ئورۇندا تۇرىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 29 دۆلەت بولسا، ئالدىنقى يىلى دۆلەت مۇداپىئەلىرىگە جەمئىي 900 مىليارد  دوللار ئاجراتقان. بۇ خامچوت دۇنيا ئومۇمىي مۇداپىئە خامجوتىنىڭ %52 تىگە تەڭ كېلىدىكەن.

دۆلەت كىرىمىدىنمۇ كۆپ دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەبلەغ ئاجراتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان %10 بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ ئاجراتقان دۆلەت ياپونىيە بولۇپ، دۆلەت يىللىق ئومۇمىي كېرىمنىڭ ئاران %09 نى ھەربىي خىراجەتكە ئايرىيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەكشىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %2 نى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئايرىشى تەلەپ قىلىنماقتا.

دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىدىن دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئايرىيغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر