ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 3 پەلەسىتنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدا چېگرا لىنىيەسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 3 پەلەسىتنلىكنى ئۆلتۈردى.
960945
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائې بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «غەززەنىڭ جەنۇبا چېگرا لىنىيەسىدىن ئۆتكەن ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىلغا پارتلاتقۇچ ئاتقان 3 پەلەسىتنلىك ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلدى.»