يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەنە پاچاقلاپ تاشلاندى
يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار باياناتچىسى پولكاۋنىك تۈركى ئەل مالىكى جەنۇبىي چېگرا رايونىغا يېقىن نەجران شەھىرىگە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ھۇجۇمنىڭ يەمەننىڭ شىمالىدىكى خۇسىيلار تەرىپىدىن قىلىغانلىقىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خۇسىيلارنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرالىشى، ئىراننىڭ خۇسىيلارغا ھەر خىل قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن تۈركى ئەل مالىكى، «ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارنىڭ بۇ دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنڭ 2216 - ۋە 2231 – نومۇرلۇق قارارنامىسىنى ئاشكارا ئاياق ئاستى قىلغانلىقتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكتۇر» دېدى.
يەمەندە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولغان خۇسىيلار 2014 – يىلىدىن بۇيان پايتەخت سانا قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەتكتە.
سەئۇدى ئەربىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015 – يىلىدىن بېرى قانۇنلۇق يەمەن ھۆكۈمىتىگە تەۋە قىسىملارغا ياردەم بەرمەكتە.