رۇسىيەدە دائېشنىڭ ھۇجۇمى توسۇپ قىلىندى
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەخت موسكۋادا قىلماقچى بولغان ھۇجۇمى توسۇپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش تەشكىلاتى «FSB» تەرىپىدىن بۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ئىستىخباراتى ئەزالىرىنىڭ موسكۋادا 4 دائېش ئەزاسىنى نازارەتكە ئالغانلىقىۋە بۇ تېررورچىلار تەرىپىدىن پايتەخت موسكۋادا ئىشقا ئاشۇرۇلىشى پىلانلانغان چوڭ ھۇجۇمنى توسۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تېررورچىلارنىڭ موسكۋاغا شىمالدىكى نوۋىي ئىرېنگوي شەھىرىدىن كىرگەنلىكى، سۈرىيەدىكىلەر بىلەن تېلېگرام يومشاق دېتالى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، پىلان تۈزۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش تەشكىلاتى «FSB» نوۋىي ئۇرېنگوي شەھىرىدە ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 20 تېررورچىنى نازارەتكە ئالغانلىقلىرىنى ۋە دائېشنىڭ تەشۋىقات ماتېرياللىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.