خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناق بازىسى كاردىن چىقتى

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناق بازىسىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

958885
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناق بازىسى كاردىن چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ئىلىم پەن ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناق بازىسى پۇڭگىيەرىنىڭ قىسمەن زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم سىناق قىلىنىدىغان بولسا، مۇھىتنىڭ ئېغىر پاجىئەگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقلىق يادرو سىنىقى ماتاپ تېغى ئاستىدىكى سىناق ساھەسىنىڭ قىسمەن ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى 2006يىلى 3 - سېنتەبىردىن بۇيان ئەڭ كۈچلۈك 6يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. 

سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان رەسىملەر يادرو سىناق ئېلىپ بېرىلغان پۇڭگىيەرى بازىسى ۋە ئەتراپىدا ،زېمىن ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبېي كورېيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىدىن ئىلگىرى يادرو ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شىمالىي كورېيەدە ئۆكتەبىر ئېيىدا يادرو سىناق بازىسىدا بىر تونېلنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن 200 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر