فىرانسىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى «ETA» قورال تاپشۇردى

فىرانسيەدە بايون جۇمھۇرىيەت مۇپەتتىشى سامۇئېل ۋۇلتا سىمۇن «باسك يۇرت ۋە ئەركىنلىك تەشكىلاتى» (ETA) نىڭ نۇرغۇن قورال - ياراقلارنى تاپشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

959191
فىرانسىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى «ETA» قورال تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لې فىگارو گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مۇپەتتىش سىمۇن ئىسپانىيەنىڭ ئەلمۇندو گېزىتىدە چىققان خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، «ETA»نىڭ ماي ئېيىدا ئۆزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، فىرانسىيەنىڭ بايون شەھىرىگە يىقىن بىر رايوندا يوشۇرۇنغان قورال ياراقلارغا دائىر مەلۇماتلارنى فىرانسىيەلىك مەسئۇللارغا بەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نۇرغۇنلىغان قورال ياراق ساندۇقلىرىنى ساقچىلارنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلى شۇنداق قورالغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ساقچىغا بەرگەن كىشىنىڭ كىملىكى نامەلۇم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر