ترامپ: شىمالىي كورېيە كونكېرت قەدەم تاشلىمىغۇچە پوزىتسىيەمىز ئۆزگەرمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە كونكېرت قەدەم تاشلىغۇچە پىيوڭياڭغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئەڭ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتى» نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

958299
ترامپ: شىمالىي كورېيە كونكېرت قەدەم تاشلىمىغۇچە پوزىتسىيەمىز ئۆزگەرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن ئاقسارايدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دىپلوماتىك مۇساپە توغرىسىدا توختىلىپ، «تىنچلىق، ئىتتىپاق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش يولىدىكى ئىزدىنىشىمز دائىرىسىدە پۈتكۈل كورېيە يېرىم ئارىلى، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن يېقىندا كىم جوڭ ئۇن بىلەن كۆرۈشىمەن. لېكىن، بۇ جەرياندا بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلىمايمەن. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

پىيوڭياڭ دائىلىرىنىڭ كونكېرت قەدەم تاشلىغانلىقىنى كۆرگۈچە نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ترامپ، «بىزنىڭ دەۋاتقان نەرسىمىز ناھايىتى ئېنىق: شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلىشىشىنى خالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا مەتبۇئات مەنسۇپلىرىغا مەلۇمات بېرىۋېتىپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنى «ئوچۇق ۋە ئالىيجاناب بىرى» دەپ تەرىپلىگەن، ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

ترامپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنى «ئوچۇق ۋە ئالىيجاناب» دەپ تەرىپلىشىنىڭ قانداق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە مەسىلىگە چارە تاپىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر