« S-300سىستېمىلىرى ئىسرائىلىيەگە ئىشلىتىلسە دەرھال جاۋاب قايتۇرىمىز»

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان S-300سىستېمىلىرى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىشلىتىگەن تەقدىردە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ دەرھال جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

957682
« S-300سىستېمىلىرى ئىسرائىلىيەگە ئىشلىتىلسە دەرھال جاۋاب قايتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ «رۇسىيە تەرىپىدىن بېرىش پىلانلىنىۋاتقان< S-300  >تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىشلىتىلگەن تەقدىردە ئىسرائلىيە ئارمىيەسىنىڭ دەرھال جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى»بىلدۈردى.

ينېت  (Ynet) خەۋەر تور بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لىبېرمان، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئىشلىتىش ئۈچۈن لايىھلەپ چىققان قورال-ياراغلارنى سۈرىيەگە يۆتكىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز.»

لىبېرمان ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئىشنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بېرىشنى پىلانلىۋاتقان <S-300 >تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىشلىتىلىش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: ناۋادا ئەسەد <S-300 >تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بىزگە قارشى ئىشلىتىپ قالسا دەرھال جاۋاب قايتۇرىمىز، دېدى.

موسكۋا ھاكىمىيىتى بۇ يىل 14-ئاپرېلدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە  فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر قىسىم بازىلارنى بومباردىمان قىلىشىغا قارىتا، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە<S-300 > تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە <S-300 > تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىش ئىشىنىڭ سىر ئەمەسلىكىنى، بىراق بۇ مەسىلىدە ئېنىق قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە <S-300 > تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىش پىلانى ئىسرائىلىيەنى ئەندىشەگە سالماقتا.

تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتى بۇ سىستېمىلارنىڭ پات-پات سۈرىيەنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە ھەربىي بازىسى9-ئاپرېلدا 2 ئۇرۇش ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بومباردىماندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 2 ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 7 ئادەم ئۆلگەنىدى.

رۇسىيە بىلەن ئىران بۇ ھۇجۇم سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر