G7 رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ئەڭ تەرەققىي تاپقان بازار ئىگىلىكىدىكى G7 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

957885
G7 رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  G7 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىرلىرى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە توپلاندى. يىغىندا، مىنىستىرلار رۇسىيەگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. G7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى:

«ئەگەر رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى زۆرۈر تاپقۇزغاندا، قوشۇمچە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكىمۇ تەييارمىز، G7 دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ.»

خىتابنامىدە، رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىگە، ئومۇمەن ئېيتقاندا، «مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچى» دەپ باھا بېرىلدى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ دىيالوگ ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتۇش قارار قىلىندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«قانۇن-پىرىنسىپلارغا تايانغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قوغدايمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. G7 رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلارچە قىلۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك تۈزۈملىرىگە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

G7-كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. G7 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ھەر يىلى ئەزا دۆلەتنىڭ بىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر