دائېش كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ھۇجۇمدا 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 50 كىشى يارىدار بولدى.

956677
دائېش كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

كابۇلنىڭ قەلئەئى نازىر رايونىدىكى بىر سايلىغۇچىلارنى تېزىملاش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىندى.

ئادەم بومبا سايىلىغۇچى كېنىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن توپلاشقان پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتتى.

ھۇجۇمدا 50 كىشى يارىدار بولدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. 

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئافغانىستاندا 20ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش پائالىيىتى ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر