ترامپ بۇ قېتىم نېفىت باھاسىنى تەنقىد قىلدى

دونالد ترامپ نېفىت ئېسكپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)نى نېىفت باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

956086
ترامپ بۇ قېتىم نېفىت باھاسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنى تەنقىد قىلدى.

دونالد ترامپ نېفىت ئېسكپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)نىڭ خەلقئارادا نېفىت باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئۇچۇرى يېزىپ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى.

ترامپ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: « نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە بۇ ئىشقا قول تىقتى، دېڭىزلاردىكى نېفىت پاراخوتلىرى بولۇپ ھەممە جايدا نېفىتلار ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ، نېفىت باھاسى سۈنئىي ھالدا ئۆستۈرۈلدى، بۇ تولىمۇ ناچار ئەھۋال، مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى.»

ئانالىزچىلار نېفىت باھاسىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېشىپ ماڭغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوتتۇرا شەرقتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

19-ئاپرېلدا دۇنيا مىقىياسىدا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 74.75 دوللارغا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي تېكساس  خام نېفىتىگە ئوخشاش خام نېفىتنىڭ باھاسى بولسا 69.56 دوللارغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر