لىۋان باش مىنىستىرى قۇددۇس توغرۇلۇق بايانات بەردى
لىۋان باش مىنىستىرى سەئىد ھەرىرى قۇددۇسنىڭ پەلەستىننىڭ ئەبەدىي پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
956172
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان باش مىنىستىرى سەئىد ئەل-ھەرىرى پايتەخت بەيرۇتتا قۇددۇسنى قوللاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە سۆز قىلغان ھەررى «مۇھەببەت ۋە ئىلىم شەھىرى»بەيرۇتنىڭ قۇددۇس ۋە پەلەستىن بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر ھەررى: قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر قۇددۇس پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئەبەدىي پايتەختى بولىدۇ،دېدى.
سەئىد ھەررى بۇ يىل 6-مايدا لىۋاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلاملىرى توغرۇلۇق توختىلىپ، سايلىغۇچىلارنى سايلامغا قاتنىشىشقا چاقىردى.