ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر - بىرىنى ئەيىبلىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن رۇسىيە ۋەكىللىرى «راققە» توغرىسىدا ئېيتىشىپ قالدى.

953995
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر - بىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي غۇتەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە دۇما ناھىيەسىدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر شۈبھىلەر يۈزىسىدىن ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان رۇسىيە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلغۇچى ئىتتىپاقنىڭ ئۆتكەن يىلى راققەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندىكى سۆزىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ راققەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن رۇسىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئۆتكەن يىلى بۇ رايوندا قانداق ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ب د ت  نىڭ راققەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا ھەيئەت ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

راققەنىڭ خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى، بىرمۇ بىنانىڭ ساق قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، «خارابىلىكنىڭ ئاستىدا ھازىرمۇ مىڭلارچە جەسەت كۆمۈلۈپ ياتماقتا، جەسەتلەردىن تاغلار شەكىللەندى ۋە ئىنسانلار ھەر كۈنى مىنالار يۈزىسىدىن ئۆلمەكتە. توك، سۇ ۋە ئادەتتىكى ئېھتىياجلارغا كېرەكلىك مۇلازىمەت يوق. بىرمۇ مەكتەپلا ئەمەس، بىرمۇ دوختۇرخانىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ، سىياسىي مۇساپىگە قايتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ دۇمادىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا جاۋابەن ئېىلپ بارغان شەنبە كۈنىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئالدى بىلەن سالغان زىياننى تولدۇرۇشۇڭلار كېرەك» دېدى ۋە سۆزلىرىنى «بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلاردىن كېيىن، سۈرىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ  غەربلىكلەرنىڭ ئىستىكىگە ئاساسەن سىياسىي مۇساپە توغرىسىدا سۆزلىشىشكە قىزىقىشى تولىمۇ قىيىن» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ياردەمچىسى كېللېي بولسا، رۇسىيەنىڭ راققە توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى رەت قىلدى.

ئۇ، راققەدە ئېلىپ بېرىلغان دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا مەھەللىمۇ مەھەللە پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ب د ت نىڭ ئىنسانىي ياردەم ئاپتوموبىللىرى راققە ۋە رۇكبانغا خالىغان چېغىدا كېلەلەيدۇ...  ئامېرىكا، راققەدە ئىنسانىي ياردەملەرگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار. كېچىكىش ھەر دائىمقىغا ئوخشاش ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويماسلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ» دېدى.

كېللېي، رۇسىيە ۋەكىلىگە راققەدىكى مىنالارنى تازىلاش خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ، ھازىرغىچە ئۇرۇشتىن قالغان 3 مىڭ پارتلاتقۇچ ماددىنى تازىلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر