مىسىر 299 ئادەمنىڭ ئىسمىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى

مىسىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، 299 گۇماندارنىڭ ئىسمىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

953262
مىسىر 299 ئادەمنىڭ ئىسمىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مېنا، «دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى» دېلوسى دائىرىسىدە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىسىملىرى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 299 گۇماندارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ يۇقىرى سوتقا سۇنغان ئېتىزارلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مىسىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، مەزكۇر گۇماندارلارنىڭ باشقا بىر جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە پەرقلىق سوت كوللېگىيەسى تەرىپىدىن قايتا سوتلىنىشىغا ھۆكۈم قىلدى.

قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، 2017 – يىلى 1 – ئىيۇندا 299 گۇماندارنىڭ ئىسمىنى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتلىرى 15 – ئاۋغۇستتا قارارغا ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى.

مەزكۇر گۇماندارلار دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، سىنا يېرىم ئارىلىدا ئەسكەر ۋە ساقچىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋە قانۇنسىز قورال ساقلاش دېگەندەك بىر قاتار جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر