ماتتىس: سۈرىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى بىر قېتىملىق ھۇجۇم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىس سۈرىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

951096
ماتتىس: سۈرىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى بىر قېتىملىق ھۇجۇم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا،  مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئارتۇق قورال ئىشلەتتۇق، نىشانلار ناھايىتى ئەتراپلىق ھالدا تاللاندى، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورد بولسا، ھاۋا ھۇجۇمى توغرۇلۇق رۇسىيەگە ئالدىن مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر