رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇغا چاقىرىق

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇنى سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

949956
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇغا چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت سارىيى كىرېمىل تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىكى تىفور (T-4)  ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي بازىسىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقى مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن پۇتىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇنى سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا، ئىسرائىلىيەگە ئائىت « F-15 » تىپلىق ئىككى دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمەستىن  ھۇمۇس شەھىرىدىكى تىفور (T-4)  ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي بازىسىغا 8 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇمۇس شەھىرىدىكى تىفور (T-4)  ھەربىي ئايرودۇرۇمى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى شەرقىي غۇتە رايونىغا قىلىۋاتقان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلىدىغان ھەربىي بازا ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر