ماتتىس بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس ئىتتىپاقداشلاربىلەن دۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىخباراتلارنى ئانالىز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، ھۇجۇمغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ھەربىي تەدبىرلەرنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانك بىجلېۋېلد بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پېنتاگون) دا كۆرۈشتى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قورشاۋ ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىنىڭ دۇما ناھىيەسىدە 78 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان خىمىيەلىك ھۇجۇم توغرىسىدا: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئىستىخباراتلارنى ئانالىز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، بۇنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ بۇيرۇق بېرىلگەن ئەھۋالدا قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ياكى تەييار ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا: «پىرېزىدېنتنىڭ قارار قىلىش باسقۇچىدا، مۇۋاپىق كۆرۈلسە ھەربىي تاللاش يوللىرىنى سۇنۇشقا تەييار تۇرۇۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 7-ئاپرېل (شەنبە) شەرقىي غۇتەدە ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرقى قورغان دۇما ناھىيەسىدە ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا، 78 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.