ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى  بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

949341
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى  بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ دۇما رايونىدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەندى، ئىككى رەھبەر خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويماسلىق مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر