سۇدان پىرېزىدېنتى قاماقتىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر، دۆلەت مىقياسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

948711
سۇدان پىرېزىدېنتى قاماقتىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەۋەر ئاگېنتلىقى – سۇنا، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش قارارى بىلەن بىرلىكتە سۇداندىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي دىيالوگنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، مىللىي ماسلىشىش ۋە تىنچلىق ھاۋاسىنىڭ ئىجابىي ئاتموسفېرا شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۇدان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باش كاتىپى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خاتىم ھەسەن بەخىتمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

سۇدان پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان دۆلەت خامچوتىغا ۋە تۇرمۇشتىكى قىممەتچىلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەلقنى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئۆكتىچى پارتىيەدىن 80 ئادەم يانۋار ئېيىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە فېۋرال ئېيىدا پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر