مېركېل پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

948429
مېركېل پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنت سارىيى (كىرېمىل سارىيى) تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە تەرەپ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇم ۋە بۇ ھەقتىكى پىتنە - ئىغۋالارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، پۇتىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2401 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن سۈرىيەدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان، كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسىنىڭ مىنىسك كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوكانتال بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ  ئىزچىل داۋاملىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر