دۇنيا جامائەتچىلىكى شەرقىي غۇتەدىكى قىرغىنچىلىققا ئارقا - ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۇماغا قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

947624
دۇنيا جامائەتچىلىكى شەرقىي غۇتەدىكى قىرغىنچىلىققا ئارقا - ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما ناھىيەسىگە قىلىنغان، تەركىبىدە زەھەرلىك گاز بولغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئالاقىدار پاكىتلارنىڭ، جاۋابكارنىڭ يەنە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەت ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى؛ باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھېساب بېرىشىنىڭ شەرت  ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، ھاكىمىيەتنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىران بىلەن رۇسىيەدىن كېلەچەكتە قىلىنغۇسى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا نوپۇزلىرىنى ئىشقا سېلىشى تەلەپ قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، پۇقرالارنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كانادا بىلەن شىۋېتسىيەمۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاخىرقى نۇقتا ھېسابلىنىدىغان – دۇما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا سادىر قىلىپ، 78 پۇقرانىڭ جېنىغا بولغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرىلاند يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي غۇتەدە پۇقرالارغا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ ئەندىكىپ كەتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «قەلبىمىز ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگىدۇر. ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا - قايتا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشى، مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەر ۋە ئورگانلار تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلدى. بۇ، يەرلىك خەلقنى مەجبۇرىي تەسلىم بولۇشقا قىستاش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنغان پىلانلىق بىر ئىستراتېگىيەنىڭ بىر پارچىسىدۇر. كانادا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ۋە قوللىغۇچىسى رۇسىيە بىلەن ئىراننى پۇقرالارنى ئاڭلىق ھالدا ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلغان ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ئەيىبلىمەكتە. خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرى ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. كانادا، خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن بىرگە بۇ ۋەھشىيانىلىكنىڭ جاۋابلىرىنىڭ ھېساب بېرىشى ئۈچۈن، تىرىشچانلىقىنى ۋە بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ( ئىشقا سالىدۇ). جاۋابكارلار قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلۇشى، بىگۇناھ پۇقرالارنى قەتل قىلىش ئاخىرلىشىش لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق دۇمادىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ ئۇچۇر تارقىتىپ، «دۇمادىكى دوكلاتلاردىن ئورۇن ئالغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ ئەندىكىپ كەتتىم. جازاسىزلىق بىر تاللاش ئەمەس. دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. شىۋېتسىيە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق بارلىق خەلقئارالىق  ئورگانلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى» دېدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى شەنبە كۈنى شەرقىي غۇتەنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاخىرقى نۇقتىسى - دۇما ناھىيەسىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىپ، 78 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ 4 – ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 214 قېتىم خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر