ئەنگلىيە بەھرەيندە تۇنجى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇردى

ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى دائىملىق دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى بەھرەيندە تەسىس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

945942
ئەنگلىيە بەھرەيندە تۇنجى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەين ب ن ئا (BNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سەلمان پورتىدا ئەنگلىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇلغان. بازىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ۋەلىئەھدى شاھزادە سەلمان بىن ھامەد ئەلخەلىفە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسئۇل ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.

ۋەلىئەھدى شاھزادە سەلمان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، بۇ ھەربىي بازىنىڭ بەھرەيننىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنى قوللاش، دۇنيا تىنچلىقىنى، خەلقئارالىق دېڭىز يوللىرىنى ۋە دۇنيا سودا يولىنى قوغداش» ئۈچۈن مۇھىم مۇساپە تېشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن ئەھمەت ئەلخەلىفە بۇ بازىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ 1971-يىلدىن تارتىپ رايوندا قۇرغان تۇنجى دائىملىق دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلخەلىفە ئەنگلىيە پادىشاھلىقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى سىرتىدىكى ئەڭ مۇھىم بازىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ بازىنىڭ، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلەر ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ياردەملەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر دېڭىز ئارمىيە بازىسى بەھرەين 1971-يىلى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى ئەنگلىيە بازىسى بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بەھرەيندە ئەنگلىيەنىڭ بۇ بازىسىدىن باشقا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 5-فلوتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر