مۇھەممەد بىن سەلمان ئىران، ئىخۋان، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېينىڭ گېرمانىيەنىڭ سابىق رەھبىرى ئادولف گىتلېردىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

943312
مۇھەممەد بىن سەلمان ئىران، ئىخۋان، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد بىن سەلمان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ساياھىتى  جەريانىدا، «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتىدىكىگە ئوخشاشلا تىغ ئۇچىنى خامەنىيگە قاراتتى ۋە ئۇنىڭ ئادولف گىتلېردىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، «گىتلېر، خامەنېيگە سېلىشتۇرغاندا ياخشى كۆرۈنىدۇ. گىتلېر خامەنېي قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىشلارنى قىلمىدى. گىلتېر، ياۋروپاغا ھۆكۈمران بولۇشقا تىرىشتى، بۇ ناچار (ئەھۋال)، بىراق خامەنېي پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.

سۆھبەت جەريانىدا، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر توغرىسىدىمۇ توختالغان مۇھەممەد بىن سەلمان، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق خەلقلەرنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ئۆز دۆلىتىدە ياشاش ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىمەن، لېكىن، نورمال مۇناسىۋەتنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى لازىم» دېدى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىرلەرنى يايغانلىقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، دۆلىتىنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىر مەسىلىسى يوقلۇقىنى ۋە خىرىستىيانلار، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە يوقلۇقىنى ئېيتىپ جاۋاب بەردى.

«ئاتلانتىك ژۇرنىلى» نامىدىن مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن جېفرېي گولدبېري، بۇ سۆھبەتنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، سۆھبەت ئەسناسىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، «شەيتان ئۈچ بولۇڭى» دەپ ئاتىدىغان ئىران، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەلقائىدە ۋە دائېشنىڭ ئىسلامنى كۈچ ئارقىلىق تارقىتىشقا ۋە خەلىپىلىكنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراننىڭ شىئە ئىدىئولوگىيەسىنى تارقىتىشقا، ئىخۋاننىڭ دېموكراتىك ئۇسۇللارىدن پايدىلىنىپ «كۆلەڭگە خەلىپىلىكلەر» نى قۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھەممەد بىن سەلمان، ئەلقائىدە ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بولسا، ھەر خىل كۈچلەرنى ئىشلىتىپ «ئىسلامنى تارقىتىشقا تىرىشقانلىقى» نى ئېيتتى.

«شەيتان ئۈچ بولۇڭى» نىڭ روبىروسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىيوردانىيە، بەھرەين، ئومان، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە يەمەننىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان مۇھەممەد بىن سەلمان، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن، «ياخشى مۇناسىۋەت» ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر