مېكسىكىدىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلار ئىسيان كۆتۈردى

مېكسىكىدىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن مەھبۇسلار ئىسيانىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 7 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

942490
مېكسىكىدىكى بىر تۈرمىدە  مەھبۇسلار ئىسيان كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ۋېراكرۇز شەھىرىدىكى لا توما تۈرمىسىدە شەنبە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ئىسياننى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ساقچىلار تۈرمىگە كىرگەن ئەسنادا ئىسيانچى مەھبۇسلارنىڭ ياستۇقلارنى كۆيدۈرۈپ، ياغاچچىلار بۆلۈمىدىكى سايمانلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 7 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، كەم دېگەندە 10 مەھبۇسنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلارنىڭ تۇماندىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

1300 ئەتراپىدا مەھبۇس قامالغان لا توما تۈرمىسىدە تۈرمە مۇدىرى ۋە باش مۇھاپىزەتچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، شەنبە كۈنى كەچتە باشلانغان ئىسيان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى ئارقىسىدا تاڭغا يېقىن باستۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر