كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خەلقنى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

گېرمانىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارلېس پۇئىگدېمونت قوللىغۇچىلىرىنى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

942740
كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خەلقنى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن كېيىن ياۋروپا مىقياسىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە فىنلاندىيەدىن بېلگىيەگە قايتىۋاتقىنىدا گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان پۇئىگدېمونت ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان تۈرمىگە زىيارەتكە كەلگەن سول قاناتتىكى «Die Linke» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دىيسېر دېھم ئارقىلىق ئاۋاز قالدۇرۇپ، ئىسپانىيەنىڭ بارغانسېرى ھاكىممۇتلەقلىق يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتماقچىمەن، ماڭغان يولىمىزدا ئىلگىرىلىشىمىز لازىم، ب د ت ئېتىراپ قىلغان ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم. ئۆزىمىزنىڭ كېلەچىكىمىز توغرىسىدا پۈتۈنلەي قارار چىقىرىش ھوقۇقىمىز بار. بارغانسېرى ھاكىممۇتلەقلىشىۋاتقان ۋە ھەق-ھوقۇقىمىزنى ئازايتىۋاتقان دۆلەت-ئىسپانىيەگە قارشى كۈرىشىمزنى توختىتالمايمىز. ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش، زوراۋانلىق قىلماستىن، مەدەنىي بىر شەكىلدە كۈرىشىمزنى داۋاملاشتۇرايلى، كاتالونلار مۇشۇنداق قىلدۇ.»

پۇئىگدېمونت ئىسپانىيەدە «ئىسيان چىقىرىش ۋە ئىسيان چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بولۇپ، تۇتۇلۇپ سوت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا 30يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن. گېرمانىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ پۇئىگدېمونتنى ئىسپانىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ئىككى ئاي مۆھلىتى بار.

يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدا توپلانغان 300 دىن ئارتۇق نامايىشچى، پۇئىگدېمونتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئادالەت دېۋانىغا قاراپ پىيادە يۈرۈدى. يامغۇرغا قارىماي پىيادە يۈرۈگەن ۋە «ئىسپانىيە دېموكراتىك ئەمەس» دەپ شوئار توۋلىغان نامايىشچى ئامما، پۇئىگدېمونت ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كاتالون رەھبەرلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر