فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى مۇشتۇمزورلۇقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 17 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلغان غەززەدىكى ۋەقەدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

942294
فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى مۇشتۇمزورلۇقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋون دېر مۈھل، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 17 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلىۋەتكەن غەززەدىكى ۋەقە توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ فىرانسىيەنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى خاتىرىلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۈھل: «فىرانسىيە، غەززەدە يېقىنقى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن ئېغىر ۋەقەلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بارلىقىنى خاتىرىلىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مۇھاسىرىنىڭ ۋە چەكلىگۈچى تەدبىرلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن مۈھل، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى چۆرىدەپ ئەستايىدىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

پەلەستىنلىكلەر، زېمىن كۈنىنىڭ 42 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا تىنچلىق تەرەپدارى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پائالىيەتلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا باشلىغان مۇداخىلىلىرى جەريانىدا 17 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى، يۈزلەرچە پەلەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر