سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ 5 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ 5 ئەسكىرى يەمەن چېگراسىدا ئۆلتۈرۈلدى.

941984
سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ 5 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋىردە، «يەمەن چېگراسىدىكى جازان رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 5 ئەسكەر شېھىت بولدى» دېيىلدى.

ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ۋاقتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 2014يىلىدىن بۇيان پايتەخت سانا قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان شىئە خۇسىيلارغا قارشى 2015يىلى مارت ئېيىدىن بېرى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە قىسىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدىكى نەجران ۋە جازان شەھەرلىرىگە ھەر خىل مىنامىيۇت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن پات پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسى گەرچە سەئۇدى ئەربىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، نەجران ۋە جازانغا ئېتىلغان مىنامىيۇتلار سەۋەبىدىن پات پات ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيان كۆرۈلۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر