خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى پۈتۈن دۇنيانى نامايىشقا چاقىردى

خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى پۈتۈن دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۈرتلىرىغا قايتىش ھەققىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىلىرى ۋە كەنسولخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

941937
خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى پۈتۈن دۇنيانى نامايىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشنى ۋە ئۆز زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى خالايدىغان پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئازابلىنىش ۋە ئەندىشە ئىچىدە تەقىپ قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەيدانلارغا ۋە ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىلىرى بىلەن كونسۇلخانىلىرى ئالدىغا توپلىشىپ، پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، «پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ 1948يىلى قوغلاپ چىقىرىلغان زېمىنلىرىغا قايتىش تەلىپى، ئارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن يىللار ئۆچۈرۈپ تاشلىيالمايدىغان ئاساسى بار، قانۇنلۇق تەلەپتۇر» دېيىلدى ھەمدە تەسلىم بۇلۇش يولىغا، بولۇپمۇ ئاتالمىش «مۇشۇ ئەسىرنىڭ كاتتا كېلىمىشى»گە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىىليەنىڭ بارغانچە قورشاۋنى كۈچەيتىپ، يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشلىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىشىمۇ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۈرتلىرىغا قايتىش ھەق ھۇقۇقىنى ئۇنتۇلدۇرالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.  

ئەسكەرتىش: ئاتالمىش «مۇشۇ ئەسىرنىڭ كاتتا كېلىمىشى» ناملىق ھەرىكەت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرگەن ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن سىنا رايونىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىشنى تەكلىپ قىلغان كېلىشىم بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قۇددۇستىن ۋاز كېچىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر