ئامېرىكا: موسكۋانىڭ قارارى رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنىڭ بەزى ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى» دەپ باھا بەردى.

941031
ئامېرىكا: موسكۋانىڭ قارارى رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قارارىنى توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش يولىدا تاشلىغان قەدىمى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىشارىتى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋە 20 دىن ئارتۇق ناتوغا ئەزا دۆلەتنىڭ رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىشى، رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيەدىكى ھۇجۇمىغا بېرىلگەن مۇۋاپىق جاۋاب ئىدى. رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋابى كۈتۈلمىگەن بىر ئىش ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، رۇس دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان دۆلەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر