ترامپ بىلەن مېي جاسۇسلۇق كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، جاسۇس كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

940032
ترامپ بىلەن مېي جاسۇسلۇق كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى مەنبە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋپلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلماسلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئاقساراي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۈگۈن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر رۇسىيەنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ۋە ھەرقانداق بىر دۆلەتتە قىلىنىدىغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى جاسۇسلۇق تورلىرىنىڭ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا كېلىشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قوش يۆنىلىشلىك جاسۇس سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزى يۇلىئا، 4 – مارتتا ئەنگلىيەنىڭ سالىبۇري شەھىرىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ھوشسىز ھالەتتە تېپىلغانىدى. داۋالاش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئاتا بىلەن قىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ھازىرمۇ خەۋپلىك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

لوندون رۇسىيەنى سابىق جاسۇسنى زەھەرلەش بىلەن ئەيىبلىمەكتە، موسكۋا بولسا، سىكرىپال ۋە قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر