پولشا بىلەن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمى تۈزدى

پولشا «ۋەتەنپەرۋەر» (patriot) ناملىق ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن 4 مىليارد 750 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى.

940114
پولشا بىلەن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا پىرېزىدېنتى ئاندجېرى دۇدا (Andrzej Duda)، باش مىنىستىر ماتىيۇس موراۋىكى ۋە ئامېرىكانىڭ ۋاراشاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاۋل ۋ. جونسوننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدىكى مۇراسىمدا، پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇس بىلاشچاك كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇس بىلاشچاك 4 مىليارد 750 مىليون دوللارلىق كېلىشىمنىڭ، پولشا ئارمىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قورال سېتىۋېلىش كېلىشىمى بولغانلىقىنى، پولشانىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى بىلەن يۇقىرى تېخنىكىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پولشا باش مىنىستىرى موراۋىكى: «پولشانىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى، ئوتتۇرا ياۋروپانىڭمۇ بىخەتەرلىكىنى كۈچلەندۈرىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا باش ئەلچىسى جونسون پولشانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن ئىككىنچى دەرىجىلىك «ۋەتەنپەرۋەر»، 360 گىرادۇسلۇق رادار، تۆۋەن مالىيەتلىك «ئوۋچى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار توغرىسىدىمۇ سۆزلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كېلىشىم بويىچە، 2022-يىلىدا تۇنجى قېتىملىق مال تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، قالقان سىستېمىلىرىنىڭ بەزى پارچىلىرى پولشادا ياسىلىدىكەن.

پولشا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2017-يىلى ئېلان قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەر توغرىسىدىكى باياناتىدا، مەبلەغنى 10.5 مىليارد دوللار دېگەن، بىراق پولشا ھۆكۈمىتى سودىلىشىپ باھانى چۈشۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر