لىۋىيەدە ئەلقائىدەنىڭ مۇھىم كاتىۋاشلىرىدىن بىرسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ماراكەش ئالقائىدەسى «AQIM» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتىۋاشلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان مۇسا ئەبۇ داۋۇدنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

939893
لىۋىيەدە ئەلقائىدەنىڭ مۇھىم كاتىۋاشلىرىدىن بىرسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى لىۋىيەدە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى جەريانىدا ماراكەش ئالقائىدەسى «AQIM» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتىۋاشلىرىدىن مۇسا ئەبۇ داۋۇد ۋە 2 نەپەر ئەلقائىدە ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ 24مارت كۈنى لىۋىسيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوبارى رايونىدا ئېىپ بېرىلغانلىق بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا «ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشرۈۈش دوكلات ۋە دۈشمەنگە سېلىنغا زىياننى ئېنىقلاش خىزمىتى ئاخىرىلاشتى. قومادانلىق مەركىزىمىز داۋۇدنىڭ ئۆلەنگىلىكىنى ئېنىقلىدى» دېيىلدى.

ھۇجۇمدا پۇقرالارنىڭ جېنى زامىن بولىدغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئەلقائىدە ئۈچۈن مىلىتان توپلاش، ئارقا سەپ ياردەم، فوند يىغىش، قورال بىلەن تەمىنلەش قاترالىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر