تىرېسا مېي: ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ئاراكان خەلقىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دۇنيا مىقياسىدا بارلىق تەرەپلەرنىڭ دىققەت – نەزىرىنىڭ ئاراكان خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاغدۇرۇلغانلىقىغا ئىشەنگۈچە قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

939224
تىرېسا مېي: ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىرېسا مېي ئەنگلىيە پارلامېنتى كومىتېت باشلىقلىرى ئالاقە كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىرمادا ئۆي – ماكانلىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلارنىڭ «قورقۇنچلۇق ئەھۋال» دا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە دۆلىتىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرلىقلىرى باشتا بولۇپ، ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تىرېسا مېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «(بۇ) مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق، بىرما ھۆكۈمىتىگىمۇ بىۋاسىتە يەتكۈزدۇق. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئالتە قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ياردەم قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىدە تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز.» دېدى.

تىرېسا مېي، يىغىندا، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتىغا ئەزا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ يىل بىرماغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئالالمىغانلىقىنىڭ خاتىرىلىتىشىدىن كېيىن، بۇنىڭ «ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى» نى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر