ئاۋستىرالىيەمۇ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقاردى

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى مالكولم تۇرنبۇل دۆلىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىدىن يەتتە كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

938682
ئاۋستىرالىيەمۇ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر تۇرنبۇل 4-مارت ئەنگلىيەنىڭ سالىسبۇرىي شەھىرىدە يۈز بەرگەن رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزى يۇلىيانىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلى بىشوپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كىملىكىنى ئاشكارىلىماستىن، رۇسىيەنىڭ ئىككى دىپلوماتىدىن يەتتە كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر تۇرنبۇل ئىككى رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىنى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى نامايان قىلىش ئۈچۈن چىقارغانلىقلىرىنى، زەھەرلىنىش ۋەقەسىنى «ئەنگلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان بىۋاستە ھۇجۇم» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىنىڭ رۇس خەلقىگە ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىر ھۆكۈمەت باشقا دۆلەتنىڭ زېمىنىدا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خىمىيەلىك ماددا ئىشلەتسە، بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە قىلىنغان خىلاپلىقتۇر» دېدى.

ئەنگلىيە ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى ۋە قىزىنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە جاۋابكار دەپ قارىغان رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، 23 رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقارغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسكمۇ تۈنۈگۈن (26-مارت) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 14 دۆلەتنىڭ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقارغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا تۈنۈگۈن (26-مارت) ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 60 رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە سېتىلدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە دىپلوماتلارغا چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن يەتتە كۈن مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر