خىتاي جاسۇس كىزىرىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى

خىتاي رۇسىيە دېپلوماتلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش مەسلىسىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى.

938831
خىتاي جاسۇس كىزىرىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ پايتەخت بېيجىدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەلىك دېپلوماتلارنىڭ بەزى دۆلەتلەردە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا ئالاقىدار ۋەقەلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى خۇا ھەر قانداق شەكىلدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆز نۆۋېتىدە يەنە سىكرىپال ۋەقەسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مەسلىنى دىيالوگ ئارقىلىق قوبۇللىنەرلىك يوللار بىلەن مۇزاكىرلىشىشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېدى.

خۇا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسلىق ئۆلچەملىرىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشەلمەسلىكلەرنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغان پوزىتسىيەلەردىن ئۇزاق تۇرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. 

خۇا چۇنيىڭ: «بارلىق دۆلەتلەر سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئاڭنى چۆرۈپ تاشلىشى ۋە زىتلىشىشتىن ۋاز كېچىشى لازىم» دېدى ھەمدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئادالەت ئاساسىدىكى يېڭى تەرزدە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى قۇرۇشقا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە رۇسىيەگە زىيارەتكە ماڭدى.

ئەنگلىيە، سابىق رۇسىيە جاسۇسى سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ 4مارتتا سالىبۇرىيدا زەھەرلىنىشىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ بۇ سۇيىقەستكە جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئالدىنقى ھەپتە 23 نەپەر رۇسىيە دېپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

 ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسكمۇ تۇنۇگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 14 دۆلەتنىڭمۇ رۇسىيە دېپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزگەن 60 نەپەر رۇسىيەلىك دېپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە سېتتىلدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارى ئالغانلىقىنى، رۇسىيەلىك دېپلوماتلارنىڭ ئامېرىكىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 7 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەلىك دېپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ بارلىق دۆلەتلەرگە تېگشىلىك جاۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر