بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان شىمالىي كورېيە پويىزىدا كىم جوڭئۇننىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەت ئاستىدىكى بىر پويىزى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن، پويىزدا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

938382
بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان شىمالىي كورېيە پويىزىدا كىم جوڭئۇننىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك مۇھاپىزەت قىلىنغان بىر ئالاھىدە پويىزنىڭ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، پويىزدا شىمالىي كورېيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەتنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ، «ھۆكۈمىتىمىز خەۋەرلەرنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە بارلىق ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشماقتا» دېگەنلىكىنى ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنىڭ تېخى جەزملەشمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلكىنى خەۋەر قىلدى.

باشقا بىر مىنىستىرلىق ئەمەلدارى، پويىزنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىدى» دېدى.

بىر ھۆكۈمەت خادىمى، پويىزدا كىم جوڭئۇننىڭ بارلىقى توغرىسىدا پاكىت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، باشقا ئەمەلدارلار، «كىم، خىتايدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇ ئەھۋالغا شىمالىي كورېيەنىڭ يارىشىش تەرەپدارى پوزىتسىيەسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىر ئىشارىتى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈشتى.

بىر ئەمەلدار، «شىمالىي كورېيە تاشقى مۇناسىۋەتلەر جەھەتتە جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئالاقە ئورناتسا بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىدى.

ياپونىيە NTV قانىلى ۋە خەۋەر قانىلى NHK، تۈنۈگۈن ئادەتتىن تاشقىرى مۇھاپىزەت قىلىنغان بىر ئالاھىدە پويىزنىڭ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، پويىزدا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەتنىڭ بارلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

بىر قىسىم مەھەللىي تاراتقۇلار، پويىزدا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىمجوڭ ئۇننىڭ بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تارتقانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بولسا، بۇ ۋەقەدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائې ئىن بىلەن، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر