ئافرىن ئامېرىكاغا بېرىلگەن سىگنال

گېرمانىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى گابرىيېل تۈركىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئامېرىكاغا، گەپ قىلىش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە كۈرتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەر قانداق تەشكىللىنىشكە رۇخىسەت قىلمايدىغانلىقى سىگنالىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

937550
ئافرىن ئامېرىكاغا بېرىلگەن سىگنال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگما  گابرىيېل «دېيا تاگېس ئىشپىگىل گېزىتى» دە، «ئافرىندىن كېيىن تۈركىيە ۋە غەرب-ئافرىن ئامېرىكاغا سىگنالدۇر» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا بۇ سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى، ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئاجرىتىش ئارقىلىق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە سۈرىيەدىكى كۈرت (كورد) رايونلىرىغا قىلغان ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار. ئافرىندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئامېرىكاغا بېرىلگەن ئوچۇق سىگنالدۇر: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق تەرتىپ ئورنىتىلماسلىقى ۋە كۈرتلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى شەكىللىنىش، تۈركىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ.»

ئۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ۋە پ ي د نىڭ ئامېرىكادىكىگە ئوخشاش، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە چەكلەنمىگەنلىكىنى، بىراق تۈ ركىيە ۋە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ي پ گ|پ ي د نى ئايرىشنى، سۈنئىي پەيدا قىلىنغان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ماقالىسىدە، پ ك ك بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پەقەت ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىمۋوللۇق جەھەتتىنلا يېقىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ي پ گ ۋە پ ي د نىڭ، پ ك ك نىڭ ئىستراتېگىيەلىك رەھبەرلىكى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بىراق نىسبەتەن چوڭ ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك» دېدى.

ماقالىسىدە، ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە، ي پ گ بىلەن پ ي د نى قوراللاندۇرۇپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كۈرت تەشكىللىنىشىگە رۇخسەت قىلىپ، تۈركىيەنى كۈشكۈرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گابرىيېل، ئەنقەرەنىڭ بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ غەربكە باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كىرىزىسنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشىدىنمۇ قورقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى يا كونترول قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ياكى تۈركىيەنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيىتىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۇنجى پەرەز خاتا بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى پەرەز بالايى –ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ بىز ياۋروپالىقلار ئۈچۈن» دېدى.

ئۇ ماقالىسىدە، بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى ئىستراتېگىيە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن قۇرۇلۇش ئېھتىمالى بولغان كۈرت دۆلىتىگە ھېچقاچان رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە زۆرۈر تېپىلسا، رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيەنىڭ كۆزىنى يۇمۇۋېلىشى بىلەن، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، بۇنداق بولغاندا موسكۋا بىلەن دەمەشىقنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيەنى گېئوپولىتىكىلىق نۇقتىدىن داخىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر