ئىككى كورېيە ھەيئەتلىرى 29-مارتتا كۆرۈشىدۇ
ئىككى كورېيە ھەيئەتلىرى 29-مارتتا چېگرا رايونىغا جايلاشقان پانمۇنجوندا كۆرۈشىدۇ.
936963
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئىتتىپاق مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەيئەتلىرىنىڭ 29-مارتتا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
جەنۇبىي كورېيە ئىتتىپاق مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيە تىنچلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىش كومىتېتى باشلىقى رى سون-گۋون باشچىلىقىدىكى ئۈچ كىشىلىك ھەيئەتنىڭ 29-مارتتا چېگراغا جايلاشقان پانمۇنجون رايونىدا جەنۇبىي كورېيە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «بۈگۈن ئەتىگەندە شمالىي كورېيە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پانمۇنجومدا ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ كۆرۈشۈشىنى بېكىتتۇق.»