جەنۇبىي كورېيەدە بىر يولۇچىلار پاراخوتى قىياغا سوقۇلۇپ كەتتى

جەنۇبىي كورېيەدە بىر يولۇچىلار پاراخوتى بېلىقچى كېمىسىدىن ئۆزى قاچۇرۇش جەريانىدا قىيالارغا سوقۇلۇپ كەتتى.

937055
جەنۇبىي كورېيەدە بىر يولۇچىلار پاراخوتى قىياغا سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى قىيالارغا سوقۇلۇپ كەتكەن بىر پاراخوتتىكى 192 كىشىنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە ساھىل خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرى غەربىي جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدا سەير قىلىۋاتقان بىر پاراخوتنىڭ بىر بېلىقچى كېمىگە سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى قاچۇرۇش جەريانىدا قىيالارغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پاراخوتتىكى 187 يولۇچى بىلەن 5 پاراخوت خادىمىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈلدى.

بىر ئەمەلدار يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ئېھتىمالىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە 2014-يىلى يۈز بەرگەن سېۋول پاراخوت پاجىئەسىدە كۆپ قىسمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئەڭ ئاز 300 كىشى ئۆلگەنىدى، بۇ ۋەقە جەنۇبىي كورېيە تارىخىدا ئەڭ پاجىئەلىك پاراخوت  ۋەقەسى سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر