فىرانسىيەدە بىر سودا سارايدا نۇرغۇن كىشى گۆرۈگە ئېلىۋىلىندى

فىرانسيەنىڭ ترېبېس شەھىرىدىكى بىر سودا سارايدا يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىۋىلىش ۋەقەسى داۋاملاشماقتا.

936388
فىرانسىيەدە بىر سودا سارايدا نۇرغۇن كىشى گۆرۈگە ئېلىۋىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا سارايغا قوراللىق باستۇرۇپ كىرگەن كىشىلەر 2 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 12 كىشىنى يارىدار قىلدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تېررورچىلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋالغانلاردىن 7 كىشىنى قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرارد كوللومب تىرېبېس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. 

گېرارد كوللومب ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تىرېبېس شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ شوئارلارنى تاۋلاپ، گۆرۈگە ئېلىۋالغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر