ترامپ پۇتىننى تەبرىكلىشىنى ئاقلاشقا تىرىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون ئېلىپ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىشىنى «بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاقلىدى.

935070
ترامپ پۇتىننى تەبرىكلىشىنى ئاقلاشقا تىرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەكشەنبە كۈنىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان پۇتىننى تەبرىكلىشى ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئەيىبلەشلەرگە تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى؛ ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭمۇ پۇتىنغا تېلېفون ئېلىپ تەبرىكلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «يالغان خەۋەر تاراتقۇلارنى تەلۋىلەشتۈردى، چۈنكى مەندىن ئۇنىڭ (پۇتىننىڭ) تېرىسىنى ئۈزۈۋېلىشىمنى كۈتۈشۈۋاتاتتى. (ئۇلار) خاتالىشىۋاتىدۇ. رۇسىيە ۋە باشقىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ناچار ئەمەس، ياخشى ئىشتۇر. ئۇلار (رۇسىيە)، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، ئۇكرائىنا، دائېش، ئىران ھەتتا يېقىنلىشىۋاتقان قوراللىنىش رىقابىتى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلاردىن جورج بۇشنىڭمۇ رۇسىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشقانلىقىنى، بىراق ئەقىللىق مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى، ئوباما ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتوننىڭمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما (ئۇلارنىڭ) يېتەرلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ، ئۇچۇرىنىڭ ئاخىرىغا «كۈچ ئىشلىتىش يولى بىلەن تىنچلىق (ئورنىتىش)» دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر