رۇسىيەنىڭ سايلىمى، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ۋە تۈركىيە

دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى.

933920
رۇسىيەنىڭ سايلىمى، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيەدە مىليونلارچە سايلىغۇچى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە لوندوندا زەھەرلەنگەن سېرگېي سىكرىپال ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ رۇسىيەگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

رۇسىيەدە مىليونلارچە سايلىغۇچى دۆلەت باشلىقىنى سايلاش ئۈچۈن 18 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا بېلەت تاشلىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ۋىلادىمىر پۇتىن % 75 ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، پۇتىن تۆتىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سابىق رۇس جاسۇس سېرگېي سىكرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئەنگلىيەدە نېرۋا زەھەرلىك گازى بىلەن زەھەرلىنىشىدىن كېيىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي بىۋاسىتە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان  قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سۈركىلىشلەردە يېڭى بىر باسقۇچ باشلاندى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ ئورتاق باياناتلىرىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا قىتئەسىدە تۇنجى قېتىم نېۋا زەھەرلىك گازى ئىشلىتىلدى. خىمىيەلىك قوراللارنى مەنئىي قىلىش ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇم ئەنگلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى نىشان قىلغان.»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېينىڭ باياناتلىرىغا رۇسىيە تەرەپ « circus show» دەپ ئىنكاس قايتۇردى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئەنگلىيەگە  ئاڭلىق ھالدا ئەنە شۇنداق جاۋاب قايتۇرغان. چۈنكى، ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى « MI-6» نىڭ لوندوندىكى مەركىزى كامبرىجتىكى Circus  مەيدانىدا ئىكەن. شۇڭا، « MI-6» « Circus  » دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. باشقىچە ئېيتقاندا، رۇسلار ئەنگلىيەگە « circus show» دەپ ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىدە پۈتكۈل دۇنياغا مۇنداق دېمەكچى ئىكەن: «بۇ جىنايەت ئەسلىدە ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى < MI-6> نىڭ سۇيىقەستلىك ئويۇنى بولۇپ، بىز بۇ ئويۇننىڭ سىرىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمىز.»

ئاخىرقى قېتىملىق سۈركىلىشلەر موسكۋانىڭ ئالدىدا غەرب ئەللىرىدە ئۆزئارا ئىختىلاپلارنى ئازايتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق بولغىنىدا، رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولار كۆپەيتىلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، غەرب رۇسىيە بىلەن ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان تۈركىيەگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن. رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى، «تۈرك ئېقىمى»، ھەتتا «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» لايىھەلىرى ئېمبارگو تۈھدىتلىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.  شۇڭا، ئەنقەرەنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىن تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىشىگە قارىتا ئالدىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى لازىم.

شۇ ھەممىگە ئايانكى، «يېڭى <سوغۇق ئۇرۇش>» ئەرۋاھى ھەممە ياقتا ئۇچۇپ يۈرمەكتە. ئۇنداقتا، بۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى قايسى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟ نۆۋەتتە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشىدۇر. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كۆپلىگەن ئىستىراتېگىيەلىك ساھەلەردە گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت داۋاملىشىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە «سوغۇق ئۇرۇش» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نۇرغۇن ئورتاق پائالىيەت ساھەسى شەكىللەندۈردى.

تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئاساسلىقى 3 تۈرلۈك يۆنىلىشنى بويلاپ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئېنېرگىيە (تۈرك ئېقىمى)، ھەربىي (<S-400 > تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى سېتىۋېلىش) ۋە سۈرىيە (<زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى. بولۇپمۇ سۈرىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇشىغا قارىماي، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تۈركىيەگە ناتو تەرىپىدىن تولىمۇ كېچىككەن ھالدا كەلتۈرۈلدى. ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە سىرتىدىكى دۆلەتلەر مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئەڭ دەسلەپتە قايتۇرۇپ كەتتى. نۆۋەتتە پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ نىڭ قولىدا ناتو نىڭ يېنىك / ئېغىر تىپتىكى قورال – ياراغلىرى بار. ناتو نىڭ قولىدىكى ھەربىي پارتلاتقۇچلار بۇ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىنى پارتلىتىشتا ئىشلىتىلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى غەرب جىددىي ئىنكاسمۇ قايتۇرمىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنى ئىختىيارسىز ھالدا تاللاش خاراكتېرلىك يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.

نۆۋەتتە غەربنىڭ قوش ئۆلچەملىك سىياسەتلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرماقتا ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلماقتا. خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ۋەزىيەتمۇ «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى ئۈچۈن ئەۋزەل شەرت – شارائىتلارنى يارىتىپ بەرمەكتە. «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا مۇھىم رول ئويناش پىلانى بويىچە <ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزى> ۋە <ئېنېرگىيە تىرانسپورت بەلبېغى> غا ئايلىنىش نىشانلىرىغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى تۇرۇبا لىنىيەسىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش پىلانىمۇ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئېنېرگىيە ئارقىلىق يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

«تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ مەھسۇلى، ئەلۋەتتە. «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى ئېنېرگىيە تىرانسپورتىدا يېڭى بىر بەلباغ شەكىللەندۈرۈش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ «تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» بولىدىغان «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» نىڭ رۇسىيەگە ئائىت بىر ئېنېرگىيە شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلۇشىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ھازىرقىدەك «يېڭى <سوغۇق ئۇرۇش>» نىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە بارلىق كۈچلەر شەك – شۈبھىسىز ھالدا تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ يېنىغا تارتىشقا تىرىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ بولسا ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ئاساسەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن «مۇنەججىم» بولۇش كەتمەيدۇ. 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت بىلەن باشلانغان ۋە بۇ ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان باسقۇچتا ھەقىقەتنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزلەر ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئالامەتلەر ۋە ئىشارەتلەر مەۋجۇتتۇر.

ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرى رۇسىيەنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىمنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا، «مەنبىچ» ۋە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پ ك ك/ي پ گ نىڭ مەۋجۇدىيىتى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇۋاتىدۇ.

ئەگەر تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرى تولۇق يوق قىلىنمىغان تەقدىردە، تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرگەن «مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى» توڭلىتىپ قويۇلۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقىنىمۇ دەل مۇشۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر