ئىسپانىيە بىلەن سېنېگال ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە

ئىسپانىيەدە يايمىكەشلىك قىلىدىغان ئىككى سېنېگاللىقنىڭ ئۆلۈمى ئىسپانىيە بىلەن سېنېگال ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلدى

933574
ئىسپانىيە بىلەن سېنېگال ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا يايمكەشلىك قىلىدىغان ئىككى سېنېگاللىقنىڭ ئىسپانىيە ساقچىلىرى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەر ئىسپانىيە بىلەن سېنېگال ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلدى.

سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكىي سال مادرىد شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مانۇئېل كارمېنادىن گۇمانلىق ئۆلۈم ۋەقەلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

پىرېزىدېنت سال ئىسپانىيە دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن مادرىدقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتتى.

ئىسپانىيەدىكى سېنېگال دىياسپورا باشلىقى سولېيمان ئەلىئون دىياللو: ياۋروپادا ياشاۋاتقان نۇرغۇن سېنېگاللىق بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى زوراۋانلىققا دۇچ كەلمەكتە، دېدى.

ئىسپانىيەدە دەردىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ دۆلەت ئورگىنىنىڭ ياكى ئەمەلدارنىڭ چىقماسلىقىدىن زارلانغان دىياللو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە بىرمۇ ساقچى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى.»

مادرىدتا يايمىكەشلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان 35 ياشلىق سېنېگاللىق مامە مابىيابە نىدىيايە پەيشەنبە كۈنى ساقچىلاردىن قېچىش ئەسناسىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر سېنېگاللىق يايمىكەش ھۈسەيىن مابىيامۇ جۈمە كۈنىدىكى نامايىشتا ئۆلگەنىدى.  

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ساقچىلارنىڭ ھۈسەيىن مابىيانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، خەلقئارا تاراتقۇلىرى ھۈسەيىن مابىيانىڭ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.  

نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەر بولسا مامە مابىيابە نىدىيابەنىڭ ساقچىلارنىڭ تايىقى سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پەيشەنبە كۈنى ۋەقەدىن كېيىن سېنېگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىددىق كابا، ئىسپانىيەنىڭ داكار ئەلچىسى ئالبېرتو ۋىرېللانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ ئاغزاكى نوتا بەردى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن پايتەخت مادرىدقا يىغىلغان يۈزلەرچە سېنېگاللىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. ئىپسانىيە ساقچىلىرى نامايىشقا قاتناشقان 10دەك سېنېگاللىقىنى تۇتقۇن قىلدى.

ۋەقەنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە قارىتا مادرىد شەھەر باشلىقى مانۇئېلا كارمېنا فىرانسىيە زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئىسپانىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىسپانىيەدە تەخمىنەن 64 مىڭ سېنېگاللىقنىڭ ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر