ترامپنىڭ پادىشاھ سەلماندىن پۇل تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلماندىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

932842
ترامپنىڭ پادىشاھ سەلماندىن پۇل تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى (WP)نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ بۇلتۇر دېكابىردا پادىشاھ سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى تېز سۈرئەتتە چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن 4 مىليارد دوللار ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىلىق مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دونالد ترامپ پادىشاھ سەلمان ۋە  سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىسىدە كېلىشكەن.

ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىسى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇردى. ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ئاق ساراينىڭ ئامېرىكا ۋە سۈرىيەدىكى يەرلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىپ ئېلىنغان رايونلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى پىلانى بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ رۇس ۋە ئىرانلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى «ئازاد قىلىنغان»رايونلاردا نوپۇز تىكلىشىگە ۋە دائېشنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ئاي سۈرىيەدە مۇقىملىق بەرپا  قىلىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن 200 مىليون دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى بولۇپمۇ ئىراننىڭ رايوندىكى نوپۇز دائىرىسى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرمەسلىك مەسىلىسىدە قايىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن گېزىت ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدارنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجراتتى: «پىرېزىدېنت ترامپنى سۈرىيەدە قەبىھ بىر كۈچنىڭ باش كۆتۈرىدىغانلىقى مەسىلىسىدە قايىل قىلدۇق، بۇ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ياخشى ئەھۋال، بىراق ترامپ ۋە باشقا ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار سۈرىيەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ.»

ترامپ ھاكمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىغا ھەتتا داۋاملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا سەلبىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدېشى بولغان ۋە ي پ گ تەشكىلاتىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدىغان سۈرىيە دېموكراتچىلار تەشكىلاتى ئەزالىرىغا تەلىم-تەربىيە ۋە مەسلىھەت بېرىش ۋە قوللاش مەقسىتىدە تەخمىنەن 2000 ئامېرىكا ئەسكىرىنى رايونغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدار سۈرىيە دېموكراتچىلار تەشكىلاتىنىڭ دائېشنىڭ 400 ئەزاسىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چوڭ كامېرلاردا بىرلىكتە يېتىۋاتقان بۇ تېررورچىلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ مەسىلە پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىلىق ئەمەلدار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرىدىن تەلەپ قىلىنغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋالغان دائېشچىلارنى ئايرىم كامېرلارغا سولاش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن يولغا چىقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر