گوللاندىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا ئىرقچىلىققا، ئايرىمچىىققا ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

932578
گوللاندىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا 21-مارت كومىتېتى ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇردى.  

دەنك پارتىيەسى ۋە نىدا پارتىيەسىدىن سىرت بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەر ۋە نۇرغۇن ئورگانمۇ ئاۋاز قوشقان نامايىش دائىرىسىدە دې دام مەيدانىغا يىغىلغان مىڭلارچە ئادەم مىيۇزۇم مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار «بىرلىكتە ئىرقچىلىققا ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرايلى، پارلامېنتىكى ئىرقچىلارغا قارشى چىقايلى، مۇساپىرلارغا ئىشىكىمىز ئوچۇق ۋە ھەممەيلەن سىغقۇدەك يېرىمىز بار، ۋىلدېرسقا قارشى چىقايلى، پ ۋ ۋ پارتىيەسىنى قوللىمايمىز، ئى ئىنسانلار ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى قوزغىلىڭلار، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئامماپەرەسلىككە قارشىمىز، مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلمىشلارنى توختىتىڭلار، ئىرقچىلىققا ئورۇن يوق»دېگەن مەزمۇندا خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

نۇرغۇن گوللاندىيەلىكتىن سىرت ئوخشىمىغان مىللەت ۋە توپلۇقتىن بولغان كىشىلەرمۇ  قاتناشقان نامايىشتا «زوراۋانلىققا، ئۇرۇشقا، ئىرقچىلىققا، ئايرىمچىلىققا ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرىمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشتا ئىرقچىلىقنىڭ پارلامېنتقىچە كېڭەيگەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئايرىمچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ ناچار قىلمىشقا رۇخسەت  قىلىنماسلىقى لازىملىقى تەكىتلىنىپ گوللاندىيەنىڭ ھەممەيلەننىڭ دۆلىتى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

يەرلىك سايلامغا تەييارلىق قىلىۋاتقان گوللاندىيەدە ئىرقچى ئەركىنلىكلەر پارتىيەسىنىڭ ئىسلامدىن قورقۇش ھادىسىسىنى تېما قىلغان سايلام تەشۋىقات فىلىمى دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلۇشىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن نامايىشتا، ئىرقچىلىق ھادىسىسىنىڭ ئۆيلەرگىچە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر