ياقۇتىستاندا ئاسماندىن ئالتۇن ياغدى

رۇسىيەگە قاراشلىق ياقۇتىستاننىڭ پايتەختى ياقۇتسىكتە ئاسماندىن ئالتۇن ياغدى.

931471
ياقۇتىستاندا ئاسماندىن ئالتۇن ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كراسنويارسىك ئايرودورۇمىدىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئارىلاشتۇرۇلغان 9 توننا 300 كېلو كېسەك ئالتۇنلار يۈكلەنگەن «An-12» تىپلىق يۈك ئايروپىلانىنىڭ قاپقىقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش جەريانىدا سۇنۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن 20 كېلو كېسەك ئالتۇن ئايروپىلان يولىغا تۆكۈلۈپ كەتتى.

يۈك ئايروپىلانى ئاندىن ياقۇتىسىكتىن 12 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ماگان يېزىسىدا بىر ئايرودورۇمغا قوندى. 

رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى باشلىتىلدى.

ئالتۇنلارنىڭ خوجايىنى كىنروس ئالتۇن شىركىتىنىڭ موسكۋادىكى ئىشخانىسى باشلىقى سىتانىسلاۋ بوروديۇك چۈشۈپ قالغان بارلىق كېسەك ئالتۇنلارنىڭ تۇپلانغانلىقىنى ئېيتتى.

سىتانىسلاۋ بوروديۇك ئايروپىلاندىكى 2 نەپەر شىركەت خادىمى بىلەن 7 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭمۇ زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىمىساستىن، ساق - سالامەت قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈك ئايروپىلانىنىڭ قاپقىقىنىڭ ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر