رۇسىيە 23 دېپلوماتىيە خادىمىنىڭ ئەنگلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيە سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ ئالدىنقى ھەپتە زەھەرلىنىشىدە رۇسىيەنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ 23 دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ماۇللىغان ئىدى.

930035
رۇسىيە 23 دېپلوماتىيە خادىمىنىڭ ئەنگلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەينىڭ سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ ئالدىنقى ھەپتە سالىسبۇرىدا نىرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زەھەر بىلەن زەھەرلىنىشى تۈپەيلى يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە رۇسىيە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن زىددىيەتلىشىشنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېرېسا مەينىڭ «سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ زەھەرلىنىشىدە قولى بار» دېگەندەك ئەمەلىيەتكە زىت باھانىلەر بىلەن ماقۇللىغان رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرلىرىنى «مىسالى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈشكۈرتۈش» دەپ قارايدىغانلىقى ھەمدە بۇ قەدەملەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورمال دىيالوگلارنىڭ ئاساسىنى ۋەيران قىلغانلىقى تەكىتلەندى. 

باياناتتا: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يارىشىمسىز سىياسىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ 23 دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۈشمەنلەرچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تېخىمۇ بەك زىيان سېلىش يولىغا مېڭىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ھېچ بىر قىممىتى يوق قەدەم» دېيىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە: «لوندون دائىرىلىرى تەكشۈرۈشلەرنى تاماملاش ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتىدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مۇنبەرلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا رۇسىيە بىلەن زىددىيەتلىشىش يولىنى تاللىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلىشىدە بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۇچۇق - يورۇق بولمىغان قەدەملەرنى تاشلاپ، رۇسىيەگە قارشى سەپەرۋەرلىك باشلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگلىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بەك ئۇزۇن كۈتۈپ ئولتۇرمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى باشلىقى ۋالېنتىنا ماتۋىيېنكو بولسا، رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي ئېلان قىلغان تەدبىرلەرگە قاتتىق ۋە سىممىتېرىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋالېنتىنا ماتۋىيېنكو: «ئىنگىلىزلەر رۇسىيەگە بىرەر ئىسپات كۆرسەتمەستىن رۇسىيەنى جىنايەتچى ئېلان قىلدى. بۇ ئوخشىشى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەقە. بىلىشمچە دېپلوماتىيەدىمۇ بۇنىڭ مىسالى يوق» دېدى.

ماتۋىيېنكو بۇ ۋەجىدىن رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيەگە تېز، قاتتىق ۋە سىممىتېرىك ھالدا جاۋاپ قايتۇرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي، سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ ئالدىنقى ھەپتە سالىسبۇرىدا نىرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زەھەر بىلەن زەھەرلىنىشىگە چېتىشلىق رۇسىيەنىڭ 23 دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سوغۇق ئۇرۇش (1947- 1991) مەزگىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر